ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسىگە قارا چاپلاش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 17:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى ئىزاھات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شياڭگاڭدىكى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر بۇ قانۇنغا قەستەن قارا چاپلاپ، ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى ۋە قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا تولۇق چىڭ تۇرۇلۇپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىنىپ،«بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى گەۋدىلەندى، ئۇ شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈمنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت چاپلاپ، قانۇن چىقىرىشقا داغ تەگكۈزۈش غەرىزى جەمئىيەتتە ساراسىم پەيدا قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسىگە قارا چاپلاش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى ئىزاھات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن