ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى بارغانسېرى داڭق چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:59

{ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ} قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى بارغانسېرى داڭق چىقاردى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قۇربان تۇلۇم ئېشەك مىنىپ، شىنجاڭنىڭ كېرىيەدىن بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ ياكى ماشىنا ھەيدەپ قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئاشۇ ئەسلىمىلەرنى قايتا يات ئېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتىنى قايتا ھېس قىلدى.

باش يازدا مۇخبىر قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى ـ- كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە باردى. كېڭەيتىپ سېلىنغاندىن كېيىنكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ماشىنا ۋە موتوسىكلىتلار قاتار قاتار توختىتىلغان بولۇپ، نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.

خاتىرە سارىيى 2003-يىلى سېلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، نۇرغۇن قېتىم كېڭەيتىلگەندىن كېيىن يېڭىباشتىن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن ئىدى، كېڭەيتىپ سېلىنغاندىن كېيىن ساراي ئىچىگە قىممەتلىك تارىخىي سۆرەتلەر، مۇھىم ھۆججەتلەر ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار قويۇلغاندىن باشقا يەنە ئۈن ـ سىن ئۆيى كۆپەيتىلىپ، قاپارتما نەقىش، مەخسۇس فىلىملەر ئىشلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى دەپ نام بېرىلدى.

ساراي ئىچىدىكى كونا سۆرەتلەر، كونا ئەمەلىي بۇيۇملار يىراقتىن ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇردى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ موڭغۇل كۈرە ناھىيەسىدىن كەلگەن كادىر سۇلتان.ماناپخان قۇربان تۇلۇمنىڭ كىچىكىدىن نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا: يېڭى دەۋردە ياشاۋاتقان بىز پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز، ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك دېدى.

كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاتىرە سارىيى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئونمىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى نۇرغۇنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ كەلگەنلەر بولۇپ، ھەممىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىنى تۇنجى ساياھەت مەنزىلى قىلىپ تاللىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توغراغاز كەنتىنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجىسى ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: كەنت خاتىرە سارىيىنىڭ ئەتراپىغا مەدەنىيەت چوڭ كوچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى قاتارلىقلار ياسىلىپ، قىزىل ساياھەتنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىلدى، ئىلگىرى بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كەنتنىڭ قىياپىتىدە بۈگۈنكى كۈندە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، كەنت يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا رەتلىك، ئۈزۈم باراڭلىق ھويلىلىق ئۆيلەر قاتار قاتار سېلىندى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى، ساياھەت دېھقانلار شادلىقى قاتارلىقلارمۇ ئارقا ئارقىدىن ئېچىلدى.

ئۆتكەن يىلى توغراغاز كەنتى كەنتنىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. كەنتتە مىڭ مودىن ئارتۇق ئۈزۈم، سەبدە گۈل تېرىش بازىسى قۇرۇلۇپ، 250دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يەنە 300دىن ئارتۇق ئائىلە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 10مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ۋاڭ بو مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسى بارغانسېرى چىڭىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى بارغانسېرى داڭق چىقاردى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قۇربان تۇلۇم ئېشەك مىنىپ، شىنجاڭنىڭ كېرىيەدىن بېيجىڭغا بېرىپ، ماۋجۇشى