ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئاستا ئاستا ئۆزگەرمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 17:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پەيدا بولغاندىن بۇيان، يەر شارىدا سودا كەم كۆرۈلىدىغان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.2020-يىلىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە بىر يىلدا جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا.

6-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ بىر ھۆججىتى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكى بازاردا سېتىشنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» دىن ئىبارەت بۇ ھۆججىتى ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىدى، تىز ئۆزگىرىش كويىدا بولۇۋاتقان كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلدى.

بۇ بىر قانچە كۈندە تور گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى دۇنيادىكى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تاراتتى. تەخمىنەن 26 مىڭ تاشقى سودا كارخانىسى بۇلۇت تېرمىنالىغا كىردى، يەر شارى بويىچە يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا سودا ۋە تىجارەت ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.
تورنىڭ سىرتىدىكى تورغا چىقىرىش ئەنئەنىۋى قېلىپتىكى ئاددىي كۆچۈرۈش بولۇپلا قالماستىن بەلكى يېڭى قۇرۇلما لايىھەسى ۋە تەرتىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تورغا تەڭ چىقىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى يېڭى تېخنىكا، يېڭى سۇپا ۋە يېڭى تىجارەت، يېڭى مۇلازىمەتنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسىدىن ئىبارەت.

كۆپلىگەن تاشقى سودا كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۈتۈشۈش ياكى پۈتۈشەلمەسلىكىگە ۋاقتىنچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، 63 يىللىق تارىخقا ئىگە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنى ئومۇميۈزلۈك بۇلۇت تېرمىنالىغا يۆتكەشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن قالتىس ئىش.

جېجياڭ شۈرى سانائەت سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ چىڭگو مۇنداق دېدى: گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى سۇپىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى ئارقىلىق، شىركىتىمىزنىڭ تور بېكىتى كەسىپتىكى خېرىدارلارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى كۈتۈۋالدى، بۇ بىزدە يوشۇرۇن زاكازنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تورغا چىقىشى يۇقۇم ئاستىدىكى رېئال ئېھتىياج، شۇنداقلا بىزنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول.

يېقىندا ئېلىمىز بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، توردىكى تاشقى سودىغا مەدەت بەردى. ئالايلۇق، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق 10 يەرلىك تاموژنىدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ كارخانا «B2B» ئېكسپورتنى نازارەت قىلىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يەنە ئىككى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا«B2B» ئېكسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى كودىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.

ئېلىمىز تاشقى سودىسىدىكى يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئېكسپورت ماللىرىنى ئىچكى بازاردا سېتىشقا ئۆزگەرتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىل دۇنيا سودىسى %13 دىن %32 گىچە تارىيىدىكەن.

2-پەسىلدە دۇنيادىكى مال سودىسىنىڭ يۈكسىلىش كۆرسەتكۈچى 87.6 غا تۆۋەنلەپ، بۇ كۆرسەتكۈچ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يېڭىدىن تۆۋەنلىشى بولۇپ قالدى.
چېگرا ھالقىغان سودا ياخشى بولماي قالدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى كارخانىلار ئوخشاش. لېكىن جۇڭگونىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ بازار بار. ئەگەر دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىلىپ، دۆلەت ئىچى ئايلىنىشى ئاساس، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ قوش ئايلىنىشى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان قېلىپ بەرپا قىلىنسا، ئۇنداقتا تاشقى سودا كارخانىلىرىمىز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپلا قالماستىن يەنە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە مەركەز بۇ مەسىلىگە بۇرۇنلا دىققەت قىلغان.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، ئىچكى تاشقى سودىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئىچكى تاشقى سودا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى بازاردا سېتىش بېجى قاتارلىقلارغا قارىتا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى.

6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بازىرى ئىتتىك ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوللاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئىچكى بازاردا سېتىشىنى قوللاپ، ئىچكى بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى تىزلىتىش، ئوخشاش لىنىيە ئوخشاش بەلگە ۋە ئوخشاش سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يەككە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىن ئۆمەكلىشىپ تەڭ بەھرىلىنىشكە ئۆزگىرىشتە گەۋدىلەندى. مۇخبىر بەزى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ رايوننى بىرلىك قىلىپ ئۆمەكلىشىپ، بەزىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنى ئۆمەكلىشىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، ھەمبەھىرلىك زاكاز، ھەمبەھىرلىك زاۋۇت، ھەمبەھىرلىك ئىشچى قاتارلىق ھادىسىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، خەۋپ خەتەرگە ئۈنۈملۈك ۋە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تەننەرخى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بايقىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى باشتىن ئاخىر تاشقى سودا ئاساسىنى مۇقىملاشتۇردى، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى ھەمدە سودىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يېتىشتۈرۈش داۋامىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە مەدەت بەردى.
بۇلار ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم بېسىشىنىڭ پۇختا كاپالىتى بولدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئاستا ئاستا ئۆزگەرمەكتە

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پەيدا بولغاندىن بۇيان،