ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تىجارەتنى تورلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۈنشەن شەھىرى ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنى ئاقىل يېزا ئىگىلىكىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، بارغانسېرى زور نەتىجىگە ئېرىشتى.

كۈنشەن شەھىرى باچېڭ بازىرىدىكى چاڭ جيەنخۇا سەھەردىلا ئۆزى ھۆددىگە ئالغان كۆلچەكتىكى قىسقۇچپاقىلارنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. 2001-يىلىدىن تارتىپ قىسقۇچپاقا بېقىپ كەلگەن چاڭ جيەنخۇا قىسقۇچپاقىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك پىششىق بىلىدۇ.

يەرلىك قۇرۇغان ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى چاڭ جيەنخۇاغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۇ سۇپا 2018-يىلىدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 19 خىلدىكى 186 تۈرنىڭ ئىككى مىڭ يەككە تۈرىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمىنى تۇرغۇزدى. دەريا قىسقۇچپاقىسى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كۈنشەن شەھىرى ئارقا-ئارقىدىن بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 مىڭ مولۇق قىسقۇچپاقا بېقىش كۆلچىكىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆزگەرتتى. ھازىر، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى ئوكسىگېن مىقدارى، سۇ تېمپېراتۇرىسى، PH قىممىتى قاتارلىق سۇ مۇھىتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ ئۆلچىيەلەيدۇ ھەم كونترول قىلالايدۇ.

كۈنشەندە، قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق كەسپى 40 مىڭدىن 70 مىڭغىچە بولغان ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تۆت مىليارد يۈەندىن ئاشتى. چاڭ جيەنخۇا ھازىر كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىدىن غەم قىلمايدۇ، ئۇنىڭ نىشانى-كۈنشەن قىسقۇچپاقىسىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش. ياش دېھقان ياۋ كېۋېينىڭ نىشانى بولسا ئۆزىنىڭ مېۋە-چىۋە داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش. ئۇ ھەر كۈنى پارنىكقا بېرىپ مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسىغا چىقىپ يېڭىلانغان ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى چوقۇم قىلىدۇ.

كۈنشەن ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى-رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ شىفىرلاشقان ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تەقسىملىمە ساقلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا توپلىغان ھاۋا رايى، مۇھىت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىرى تورغا يوللىغان دورا ئىشلىتىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەقسىملىمە مۇلازىمىتېردا بىر تۇتاش ساقلاپ، ئۇچۇرنىڭ مۇكەممەللىكى، سانلىق مەلۇماتنىڭ نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ياۋ كېۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلاردا بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئىشەنچ پەيدا بولغاندىلا، ئاندىن سودىمىزمۇ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. مېنىڭ يىللىق سېتىش كىرىمىم ئەسلىدىكى 250 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ ھازىر 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

كۈنشەن ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئىككى مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكى قورساق تويغۇزىدىغان تىرىكچىلىك يولىدىن ئۇتۇق قازىنىدىغان كەسىپكە ئايلاندى. ئاقىل يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۆزگىرىش بارغانسېرى كۆپ دېھقانلارنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا زور ئىشلارنى قىلىشنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى.




中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ،