ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە كىملىك بېجىرىش قاتارلىق يېشىل مۇلازىمەت يوللىرىنى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تىنچ ئامان بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىمتىھانغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 30 نەچچىنى پاش قىلدى، 230 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئۈسكۈنىسىدىن 7000 دىن ئارتۇقنى يىغىۋالدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 113 مىڭدىن ئارتۇق كىملىك بېجىرىپ بەردى.

جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى قوغداش، قۇتقۇزۇش «يېشىل يولى» ئېچىپ، كىملىكى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ناچار ھاۋارايىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي يۈرۈش قولايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىلار كاشىلا، قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقسا دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلدى، زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا ئاپتوموبىل بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقچى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوللارغا كۆرسەتمە بەلگىسىنى كۆپەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى ياردەم بەردى

2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك