ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى قانۇن يوچۇقىنى تولدۇردى، ئۇ شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

فىرانسىيەدىكى جۇڭگو مۇتەخەسسىسى بىكائىر مۇنداق دېدى: ئەپسۇسلىنارلىقى، بىز بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەردە پاكىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىغانلىقىنى كۆردۇق، بىز جۇڭگوغا خاتا نەزەر بىلەن قاراشنى توختىتىشىمىز، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈشىمىز كېرەك، جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى جازالىشىغا مۇنازىرە كەتمەيدۇ، مەيلى شياڭگاڭ ياكى ياۋروپا ۋە ياكى باشقا جاي بولسۇن، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشنى قوللاش قىلمىشى ئەسەبىيلىككە يانتاياق بولغانلىق، بۇنىڭغا سەۋر قىلىشقا بولمايدۇ.
ئارگېنتىنادىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە ــ ھەققانىيەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سىئوخا مۇنداق دېدى: بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇمىز، ھەر بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز، بۇ ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش، قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئورۇنلۇق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ شۇڭا شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى مەسىلىسىدە، بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىقارغان قارارنى قەتئىي قوللايمىز.

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېتورىيە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پېيرېي مۇنداق دېدى: بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭدا شياڭگاڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. مەيلى قانۇن نەزەرىيەسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياكى رېئاللىقتىن ئويلاشقاندىمۇ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىش ھوقۇقى بار، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ شياڭگاڭنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولغان ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى