ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى ئادەتتىكىدەك قاتنىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇلۇمبىر شەھىرىدىكى داياڭشۇ بېكىتىدە، جۇڭگو تۆمۈر يولى خاربىن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى 18ـ يىلىنى كۈتۈۋالدى، بۇ پويىز مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان داياڭشۇ بېكىتىدىن قوشۇن تۇرۇشلۇق ئالىخې بېكىتىگىچە جەمئىي 34 مىڭ ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچى توشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 7000 ئوقۇغۇچى شيامېن داشۆسى، ئىچكى موڭغۇل داشۆسى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن «ئارزۇ مەخسۇس پويىزى» دەپ ئاتالدى، 2019ـ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىغا «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى نومۇرلۇق» دەپ رەسمىي نام بېرىلدى.

7ـئاينىڭ 6ـكۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 5117ـ قېتىملىق «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى نومۇرلۇق» ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى داياڭشۇدىن يولغا چىقتى.

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئەگىشىپ بىر ئاي كېچىكتۈرۈلۈپ ۋاقتىدا قاتنىدى، ۋوگزال خىزمەتچىلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى داياڭشۇ ۋوگزالىدا، ئىلگىرى خۇبېيغا ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نيۇ چياڭ ۋوگزالغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋاتاتتى، بۈگۈن ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ، ئادەتتىكىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ۋوگزالغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 14 يىل ئىلگىرى مەن مۇشۇ مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىدىم، ھازىر سېسترالىق قىلىۋاتىمەن. خۇبېيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ھەر كۈنى داياڭشۇ ۋوگزالى پويىز كۈتۈش ئۆيىنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە يولۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم. شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىنىڭ يەنىلا قاتناۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.

داياڭشۇ بازىرى چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلۇنچۈن، داغۇر، ئېۋېنكې قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلاشقان جاي. ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى 135 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوشۇن تۇرۇشلۇق ئالىخې بازىرىغا بېرىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.

ئىلگىرى تاغ يولى ئەگرى ـ توقاي، سىرتقا چىقىش ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرى ھەم بىخەتەر ئەمەس ئىدى. 2003ـ يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو تۆمۈر يولى خاربىن ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن داياڭشۇدىن ئالخېغىچە بولغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويدى.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىغىنىغا 18 يىل بولدى.

داياڭشۇ 2ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3ـ يىللىق 3ـ سىنىپتىكى ئېلۇنچۈن مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچى خې زىيى مۇنداق دېدى: ئىككى كۈن ئىلگىرى پويىز بېلىتىنى ئالغان شۇ دەقىقىدە ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى قاتنىمىغان بولسا بەك ئۈمىدسىزلىنەتتىم، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر يىلى تولۇق 3ـ يىللىقلارغا مۇشۇنداق بىر پائالىيەت بار، بۇ پائالىيەتنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يەنىلا بەك ھاياجانلاندىم.

18 يىلدىن بۇيان يوللار رېمونت قىلىندى، شەخسىي ماشىنىلارمۇ كۆپەيدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يىلدىن يىلغا ئازايدى، ئەمما پويىز مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، جۇڭگو تۆمۈر يولى خاربىن ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جاگىداچ پويىز ئۇچاستىكىسى داياڭشۇ بېكىتىنىڭ باشلىقى تيەن چاڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ بېسىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېغىرراق بولدى، تۆمۈر يول تارماقلىرى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىزگىنلەشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋوگزال ئالدىدىكى مەيدان ۋە ۋاگونلارنى كۆپ قېتىم دېزىنفېكسىيەلىدى ھەمدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشياسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن، سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بالدۇر ئۆلچەپ، نومۇرىنى سايىلاپ، ۋوگزالىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىن پويىز كۈتۈش ئۆيىگىچە، ۋوگزال ئالدىدىكى مەيدان، پۈتكۈل لىنىيەنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەخسۇس پويىزى ئادەتتىكىدەك قاتنىدى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇلۇمبىر شەھىرىدىكى داياڭشۇ بېكىتىدە، جۇڭگو تۆمۈر يولى خاربىن