ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى ۋۇخەن، خۇاڭگاڭ شەھەرلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى يېقىندا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن، خۇاڭگاڭ شەھەرلىرى قاتارلىق جايلارغا ئىلگىرى-كېيىن بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى خۇاڭگاڭ شەھەرلىك خۇاڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، خۇاڭجۇ رايونلۇق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارغا ئىلگىرى-كېيىن بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەيدانلىرىنىڭ ئەتراپ مۇھىتى، ئىمتىھان مەيدانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئىمتىھان مەيدانىنى باشقۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تەييارلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساغلاملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى لايىھەسى ۋە يولغا قويۇش چارىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر 10 مۇھىم تەدبىرنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈچەيتىپ، ئىمتىھاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ قاتتىق ۋاسىتىلار بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان مۇلازىمىتىنى ئەڭ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن ياخشىلاپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ساغلام، ئادىل، مۇقىم، ئىللىق، سەمىمىي» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە ئىمتىھان خادىملىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى پىششىق بىلىشىگە، زۆرۈر ماھارەتنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدىكى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى قاتتىق يامغۇرغا قارىتا مەخسۇس لايىھەنى ئىنچىكە تۈزۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى ۋۇخەن، خۇاڭگاڭ شەھەرلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى يېقىندا خۇبېي