ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 10 مىليون 710 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشتى. مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ساغلام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»، «ئادىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»، «مۇقىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»، «ئىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»، «سەمىمىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن، ئەتە ئېلىنىدۇ، بىر قىسىم ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، 7-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرىمۇ بىر قىسىم ئىمتىھانلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھان قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىش يولىدا شەخسىي مۇداپىئەگە دىققەت قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېشىل يول ئېچىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قوغداش كىچىك ئەترىتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى توشۇيدىغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك ئاپتوموبىللار قاتناش قانۇنىغا يېنىك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلسا، قاتناش ساقچىلىرى تەربىيە بېرىپ ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قويۇۋېتىدۇ؛ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىرىنى «ئىمتىھاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىپ، كېيىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.












中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى

2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 10 مىليون 710 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشتى.