ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جەنۇبىي شىنجاڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، قۇرغاق تارىم ئويمانلىقى يېڭى كۆكتاتنى سىرتتىن يۆتكەشكە تەدرىجىي خاتىمە بەرمەكتە.

قەشقەر ۋىلايىتى مەركەزلىك تۇتاشما ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل بىر مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات بازىسى قۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ كۆكتات تەمىناتىنى زورايتىپ، كۆكتات كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندۇرماقچى.

يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتى يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن جايدىكى شىنجاڭ قەشقەر زامانىۋى كۆكتات كەسپى باغچىسىدا يۈز نەچچە ئىشچى نەچچە چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئۈسكۈنىسى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، 900 دىن ئارتۇق پارنىك رەتلىك ياسىلىۋاتاتتى.
شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ كەسىپ باغچىسى 2019-يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلدى، كۆلىمى 4711 مو بولۇپ، 1 مىليارد 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى، بىرىنچى باسقۇچتا 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق گوللاندىيە پارنىكى، 6480 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋە 1000 پارنىك ياسىلىدۇ.

كۆكتات كەسىپ باغچىسىنىڭ مەسئۇلى، شەندۇڭ شۈيفا گۇرۇھى شىنجاڭ دوڭلۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ يەنشى مۇنداق دېدى: كۆكتات كەسىپ باغچىسى قۇرۇش شەندۇڭنىڭ پىشىپ يېتىلگەن كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ، قەشقەرنىڭ كۆكتات كەسپى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەن، تۈرى ئاز، بازارغا سېلىش مەزگىلى قىسقا، باھاسى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

زامانىۋى كۆكتات كەسىپ باغچىسى پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا يېڭى كۆكتات ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، يىللىق كۆكتات پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 1 مىليون توننىغا يىتىدۇ، 3000 مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر 2019-يىلى ئالدىنقى مەزگىلدە پۈتكەن 40 پارنىك مۇقىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قالغان 960 پارنىك بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلماقچى.

يېڭى شەھەر ناھىيەسى قومۇشلۇق يېزىسىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە، بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى پارنىك ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرۈۋاتقان ئىدى، بۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. ھازىر 10 پارنىك ۋە قۇرۇلۇۋاتقان 15 پارنىك 5G قوشۇلغان ئەشيا بىرلەشمە تورى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، يانفون App ئارقىلىق پارنىكنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى ئىگىلىگىلى ھەمدە يىراقتىن باشقۇرغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ ياردىمىدە قومۇشلۇق يېزىسى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى بۇ يىل بىر قېتىمدىلا ئەتىيازلىق كۆكتات مايسىسى، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈر كۆچىتىدىن 1 مىليون 600 نەچچە مىڭ تۈپ يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن يېزىنىڭ 21 كەنتىدىكى 3000 دىن كۆپرەك كۆكتات لاپىسىنى ئەلا سۈپەتلىك مايسا ۋە كۆچەت بىلەن تەمىنلىدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

جەنۇبىي شىنجاڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ،