ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يې جيەنچۈن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قارا يامغۇر كۆپ يېغىپ، كەلكۈن كۆپ كېلىپ، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى بولدى. مەملىكەت بويىچە 433 دەريا، ئېقىندا كەلكۈن ئېھتىيات سۇچېنىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 109 دەريا، ئېقىندا كەلكۈن كاپالەت سۇ چېنىدىن ئېشىپ كەتتى، 33 دەريادا تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، جۇجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى شىجياڭ ۋە بېيجياڭ دەريالىرى، تەيخۇ كۆلىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 1-نومۇرلۇق كەلكۈن كەلدى. ھازىر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىكى جيەنلىنىڭ تۆۋىنىدىكى دەريا بۆلەكلىرى ۋە دۇڭتىڭخۇ، پوياڭخۇ، تەيخۇ كۆللىرىنىڭ سۇچېنى يەنىلا ئېھتىيات ھالىتىدىن ئېشىپ كەتتى. قالغان دەريا-ئېقىنلارنىڭ سۇ ئەھۋالى مۇقىم.

يې جيەنچۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھازىر چاڭجياڭ دەرياسى، تەيخۇ كۆلى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن، كېيىنكى مەزگىلدە يامغۇر بەلبېغى شىمالغا سۈرۈلۈپ، شىمالدىكى دەريالاردا رايون خاراكتېرلىك ئېغىرراق كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەتلىك