ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيەلىك كادىرلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە، نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېيولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا. كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىدە مۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇلار ئاممىنى يۆتكەش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي پەيتىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە بايرىقىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1-سېپىدە جەۋلان قىلدۇرماقتا.

قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېنشى شەھەر رايونىدىن ئۆتىدىغان چىڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى دەريا قېشىدىن ئېشىپ كەتتى، غالىبىيەت كوچىسى تەرەپتە، دەريا سۈيى كوچا قاسىنىقىدىكى دۇكانلارنىڭ 2-قەۋىتىگىچە قىستاپ كەلدى، نۇرغۇن ئامما قامىلىپ قالدى. ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى، شۇ جايدىكى پارتىيەلىك كادىرلار خەتەردىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەپ، تېرە قولۋاق ھەيدەپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

خەتەرلىك پەيتتە، ئاممىنى يۈدۈپ توشۇۋاتقان ليۇ بېنيۈن 26 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە كومپارتىيە ئەزاسى. ليۇ بېنيۈن ئادەم شوتىسى بولۇپ، 2-قەۋەتتىكى ئاھالىلەرنى بىر-بىردىن تېرە قولۋاققا چۈشۈرۈپ، بىخەتەر جايغا يۆتكىدى. شۇ كۈنى، ليۇ بېنيۈن بىلەن خىزمەتداشلىرى تېرە قولۋاق بىلەن 50 نەچچە قېتىم قاتناپ، قامىلىپ قالغان 200 گە يېقىن ئادەمنى قۇتقۇزدى.

پارتىيە ئەزالىرى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ قىيىن ۋەزىپىگە ئالدى بىلەن ئاتلاندى. جياڭشى ئۆلكىسى يۈگەن ناھىيەسى شىنرۇڭ دامبىسىنىڭ ئۈچ جايىدىن سۇ سىرغىپ چىقتى، سۇ سىرغىپ چىققان ئەڭ چوڭ يەرنىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىرغا يېتىپ، ھەر ۋاقىت توسمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى. خەتەرنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، 73-جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈسى دەرھال 200 ئوفىتسېر-ئەسكەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتتى. سۇ سىرغىپ چىققان جاي سۇ ئاستىدا بولغاچقا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇدى، ئەترەت باشلىقى يۈەن ۋېيۋېي 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان 25 پارتىيە ئەزاسىنى باشلاپ، سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ سۇ سىرغىغان يەرنى ئەتتى.

پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىدە يەنە جيۇجياڭنىڭ دۇچاڭدىن كەلگەندىن 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان پارتىيە ئەزاسى ليۇلاڭمۇ بار ئىدى، كۆلنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى. بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە، ئۇنىڭ يۇرتىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئۆيدىكىلىرىنى شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىخەتەر جايغا يۆتكەپ قويدى.

ئالتە سائەت ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، شىنرۈي دامبىسىدىكى خەتەر تىزگىنلەندى، نۆۋەتتە شۇ جايدىكى خىزمەتچىلەر داۋاملىق چارلىماقتا.

خۇنەننىڭ يۆياڭدا، 110 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى 1068 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇڭتىڭخۇ توسمىسى ۋە 163 كىلومېتىر كېلىدىغان چاڭجياڭ غول توسمىسىنى كېچە-كۈندۈز چىڭ ساقلاپ، يۇرت-ماكانىنى قوغدىدى. چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلاردا دادىللىق نامايان بولىدۇ، خەتەرلىك پەيتتە خىسلەت گەۋدىلىنىدۇ. سانسىزلىغان كومپارتىيە ئەزالىرى خەتەر ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارتىيەلىك كادىرلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى

نۆۋەتتە، نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېيولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا