ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىزاڭنىڭ نىما ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-23 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچىشىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت تۆتتىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ شەھىرى نىما ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون مىڭ مېتىر كېلىدىكەن. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت سەككىزگىچە، ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.

دەسلەپكى ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى جاي نىما ناھىيەسىنىڭ رۇڭما يېزىسى بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 200 كىلومېتىرچە كېلىدىكەن. نىما ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەر تەۋرىگەندە، ناھىيە بازىرىدا روشەن سىلكىنىش بولمىغان، رۇڭما يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي كۈچلۈك سىلكىنگەن. رۇڭما يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى بەش مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەۋەلىكىدە جيالىڭ جيادۇڭ ۋە زاڭچۈدىن ئىبارەت ئىككى مەمۇرىي كەنت بار ئىكەن، پۈتۈن يېزا 2018-يىلى دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز بولۇش سەۋەبىدىن ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش تۈرى ئارقىلىق لاساغا كۆچۈرۈلگەن، ھازىر پەقەت ئاز ساندىكى كادىر ۋە ئامما رۇڭما يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

دەسلەپكى ئىگىلەشكە قارىغاندا، نۆۋەتتە نىما ناھىيەسىنىڭ خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر، سۇ تەمىناتى نورمال ئىكەن، تېخىچە ئۆلۈم-يېتىم، ئۆي ئۆرۈلۈش، چارۋا، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش، يوللار ئۈزۈلۈپ قېلىش ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىزاڭنىڭ نىما ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچىشىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى