ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈرۈمچى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نۇكلىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-23 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت نۆلدىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دىياگنۇز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن توققۇزى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 14 ىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نۇكلىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن نۇقتىلىقى، ئارقىدىن ئادەتتىكىسى بولۇش» تەرتىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن شەھەرنىڭ نۇكلىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى ئالدى بىلەن تيانشان رايونى، سايباغ رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۇقىرى خىيىم-خەتەر رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئارقىدىن ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى ئورۇنلار بارلىق مەھەللىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، رايون، ناھىيە، كوچا-باشقۇرۇش كومىتېتى، مەھەللە-كەنتلەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 كىچە، شەھەر بويىچە بىر مىليون 37 مىڭ 548 ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ھۆددە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتتى، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر بىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئاپپاراتىنى ھۆددىگە ئالىدۇ، بىر شەھەر دەرىجىلىك رەھبەر تۇتاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىلاشقۇچىلار تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك كۈچەيتىلىپ، يوشۇرۇن كۈچ ئومۇميۈزلۈك قېزىلىپ ۋە ئىقتىدارى كېڭەيتىلىپ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئىقتىدارى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈرۈمچى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نۇكلىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈردى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات