ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى چاڭجياڭ، خۇەيخې دەرياسى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنكاسىنى داۋاملىق ساقلاشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 10:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق كەلكۈن ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن غول ئېقىنىنىڭ سۇ چېنى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن، قىسمەن دەريا بۆلەكلىرىدىكى سۇ كاپالەت سۇ چىنىدىن ئېشىپ كەتكەن، خۇەيخې دەرياسى، تەيخۇ كۆلىنىڭ سۇ چېنى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن، 28-ئىيۇل، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى كېڭىشىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەلكۈن كەلگەن 17-كۈنى چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسىدا داۋاملىق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنكاس چىقىرىشنى قارار قىلدى.

دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق كەلكۈن ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، خۇنەن، خۇبېي، ئەنخۇي، جياڭسۇدىكى دەريا ئېقىن، كۆللەرنىڭ سۇ چېنى داۋاملىق يۇقىرى بولىدۇ، قىسمەن دەريا بۆلەكلىرىدە سۇ كاپالەت سۇ چىنىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇەيخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا غول ئېقىنىدا سۇ چېنى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئەمما ئېھتىيات سۇ چىنىدىن ئىزچىل ئېشىپ كېتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغاچقا داۋاملىق ھوشيار ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى چاڭجياڭ، خۇەيخې دەرياسى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنكاسىنى داۋاملىق ساقلاشنى قارار قىلدى

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق كەلكۈن ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن،