ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ خوتەن چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تەكلىماكان قۇملۇقى بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:59

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقى بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلدى.

بۇ، شىنجاڭنىڭ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان 3ـ قاتناش غول لىنىيەسىنى تەشكىل قىلىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ بۆلەك شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 825 كىلومېتىر بولۇپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇشقا تەڭ ئىشلىتىلىدىغان تاق لىنىيەلىك تۆمۈر يول، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، 2020ـ يىلى 5ـ ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش رەسمىي باشلانغان، يېقىندا 160 كىلومېتىرلىق رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى.

خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈر يولىدا 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىگە رەسمىي رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، چاغاندىن بۇرۇن چەرچەن بېكىتىگىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولىنىدىكەن.

شىنجاڭ خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن جيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى خوتەن ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا گولمود ـ كورلا تۆمۈر يولى بىلەن چاقىلىق ۋوگزالىدا ئۇچرىشىپ، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈر يول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

شۇ چاغدا چەرچەن قاتارلىق بەش ناھىيەگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، خوتەندىكى ئاممىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقىرايدۇ، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ خوتەن چاقىلىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تەكلىماكان قۇملۇقى بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلدى

شىنجاڭ خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقى بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلدى.