ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2020ـيىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركەزلىك ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

2020ـ يىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بىر نەچچە كۈندە، كۆرگەزمە رايونىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، مۇھىم سىياسەت، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمى، 5G+4K/8K+AI قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغان مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ سۈپ سۈزۈك تەجرىبىخانىسى، دۇنيادىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى VR باش تېما باغچىسى كۆپچىلىكنى جەلپ قىلغان قىزىق نۇقتا رايونىغا ئايلاندى.

تولۇق كۆرۈنۈشلۈك مەۋھۇم كۇتۇپخانىدا 5G يېڭى ئوقۇش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، VR كۆزئەينىكى تاقىغان ئوقۇرمەنلەرگە كىتاب، مەنزىرە، ئاۋازلىق ھەم رەڭلىك ئوقۇش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە مائارىپ، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت سودىسىنىڭ 12 چوڭ ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

يەنە ئېلىمىز مۇستەقىل لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، نىشانلىق گۈل سۇغىرىدىغان ماشىنا ئادەم، ھاۋادا كەينىچە موللاق ئاتالايدىغان ماشىنا ئىت بار بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

بېيجىڭ سانلىق مەلۇمات سودا سۇپىسى 9ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى سەككىز كارخانا سۇپا ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات سودىسى قىلدى، كېلىشىم سوممىسى 20 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. ھازىرغىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە دۇنيا بويىچە 25 تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلات ۋە تەتقىقات نەتىجىسى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

2020ـيىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركەزلىك ئېلان قىلىندى

2020ـ يىللىق مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بىر نەچچە كۈندە، كۆرگەزمە رايونىدا