ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-10 18:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيلى، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: 36-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. باش شۇجى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى، ئوقۇتۇشنى توختىتىپ قويماسلىق» تىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يولىدا مېھىر-شەپقەت ۋە ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق نامراتلىقنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىشنى توسۇشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئادەم ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، روھنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇردى.ئادىل ئابلەت




中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيلى

ئىستانسىمىز «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيلى، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.