ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭچۈن ـ شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ ۋۇشى بۆلىكى «28-سېنتەبىر» پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ھادىسىسى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ھادىسىسى دەپ بېكىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، گوۋۇيۈەن چاڭچۈن ـ شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ ۋۇشى بۆلىكى «28 - سېنتەبىر » پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەستىقلاپ، بۇ ھادىسىنى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ھادىسىسى دەپ بېكىتتى.
2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 7 لەرە، چاڭچۈن شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ ۋۇشى بۆلىكىدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئېغىر تىپتىكى يېرىم پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇش پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 36 ئادەم قازا قىلدى، 36ئادەم يارىلاندى، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 71 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاڭ گولى قاتارلىق جىنايەتكە چېتىشلىق 14 جاۋابكارغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە تەدبىر قوللاندى. ئۇنىڭدىن باشقا جېجياڭ، ئەنخۇي، خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى جەمئىي 45 ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭچۈن ـ شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جياڭسۇ ۋۇشى بۆلىكى «28-سېنتەبىر» پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش ھادىسىسى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ھادىسىسى دەپ بېكىتىلدى

يېقىندا، گوۋۇيۈەن چاڭچۈن ـ شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ