ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-12 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، « ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭ، خېبېي قاتارلىق 14 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى نەق مەيداندا تەكشۈرمەكچى.

تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش، كۈز ۋە قىش پەسىلىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى+ تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئارقىلىق مەسىلە يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ. ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يالغان ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ساختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك،كۆز بويامچىلىق قىلىش، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش، قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاستا قىلىش، قالايمىقان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلە يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك مەسىلە يىپ ئۇچىنى گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندە ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كارخانا ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.








中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا