ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلارغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىندى، تەمىنات سودا كوپىراتىپىنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتى ياخشى بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:53
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەت بويىچە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلاردا ھۆل-يېغىن كۆلىمى كەڭ بولدى، قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان زىرائەتلەرنى قۇتقۇزۇش، تولۇقلاپ تېرىش، كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا مۇلازىمەت قىلدى.
ئەنئەنىۋى «ئېلىپ سېتىش»تىن مۇلازىمەت ئارقىلىق يېتەكلەش تىپىغا ئۆزگەردى، مەملىكەت بويىچە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى تۆۋەنگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە بەش دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، دېھقانلارنى «يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، سېتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن مۇساپىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، سىستېما بويىچە يەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كۆلىمى 100 مىليون مودىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.7 يۇقىرى بولدى؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى 200 مىليون مو قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.7 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش سوممىسى 85 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى سودا سوممىسى 464 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلارغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىندى، تەمىنات سودا كوپىراتىپىنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتى ياخشى بولدى

مەملىكەت بويىچە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار