ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولىنىڭ بارلىق لىنىيەلىرى تۇتاشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:53
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭ لوپنۇردىن چەرچەنگىچە بولغان تاشيولىدا 9-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇم ئاساسىي لىنىيەسى تاماملىنىپ، جۇڭگونىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 3-قۇملۇق تاشيولىدا كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلىنىشىغا ئاساس سېلىندى.
بۇ قۇملۇق تاشيولى شىنجاڭ بايىنغىلۇن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا لوپنۇردىن باشلىنىپ، جەنۇبتا چەرچەن ناھىيەسىگە تۇتۇشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى334 كىلومېتىر، لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىن ئۆتۈپ،تارىم دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈر-نىيە، ئاقسۇ-ئارال-خوتەندىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇق تاشيولىدىن كېيىنكى «ھالاكەت دېڭىزى»نى كېسىپ ئۆتىدىغان 3-تاشيول.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى شۆدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈردىكى تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسىدىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى كورلىغىچە بولغان ئارىلىق 350 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ ھەمدە لىنىيە بويىدىكى ساياھەت تەرەققىياتى ۋە بايلىقنى ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ. دۆلەت تاش يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولىنىڭ بارلىق لىنىيەلىرى تۇتاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ لوپنۇردىن چەرچەنگىچە بولغان تاشيولىدا 9-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇم