ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ساقلانما ئۇرۇق بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى 12-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزدە ساقلانما ئۇرۇق بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 520 مىڭ ئۈلۈشتىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2ـ ئورۇندا تۇردى.
«14-بەش يىل»دا، ئېلىمىز جانلىقلار سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئاساسىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق مەنبەسىدىكى قىيىن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭى قىلىشقا ئىرادە باغلايدۇ.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى زىرائەت ئۇرۇقى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەركىزى قۇرۇپ، ساقلانما ئۇرۇق بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى 520 مىڭ ئۈلۈشتىن ئاشۇرۇپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. ساقلانما سىغىمى بىر مىليون 500 مىڭ ئۈلۈشكە يېتىدىغان دۆلەت يېڭى زىرائەت سورتى ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇق بايلىقىنى قوغداش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

«13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئەلا سورتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %96تىن ئاشتى؛ ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن سورت كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

«14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئېلىمىز سورت مەنبەسىدىكى قىيىن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇرۇق بايلىقى، ئاساسىي تەتقىقات، يادرولۇق تېخنىكا، زور مەھسۇلات قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ساقلانما ئۇرۇق بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى 12-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزدە ساقلانما ئۇرۇق بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى 520 مىڭ ئۈلۈشتىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2ـ ئورۇندا تۇردى.