ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئورمان ۋە يايلاق مۇھىم تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك رول ئوينايدۇ. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقنى سىستېمىلىق تۈزەش تەلىپى بويىچە، مەملىكەت بويىچە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئورمان، يايلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، مەنبەدىن تۈزەيدىغان، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە باش ئورمان باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەيىنلىنىدۇ؛ مۇئاۋىن باش ئورمان باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار تەيىنلىنىدۇ، رايون (بۆلەك) بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شەھەر، ناھىيە، يېزا قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە ئورمان، يايلاق بايلىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى، ئورمان، يايلاق بايلىقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئورمان، يايلاق بايلىقى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ئورمان، يايلاق ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورمان، يايلاق بايلىقىنى كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋەزىپە، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.