جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 11-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
13-يانۋار، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەملىكەتلىك 11-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى بوڭناڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا، لائوس پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشالمىز.