ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 10:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 13-يانۋار گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ.

جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى پۇختا تۇتقاندىلا ئاندىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاساسى پۇختا بولىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ خۇەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. كەنت يوللىرى، يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، يېزا ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق ئاممىۋى بايلىقىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە ياخشى تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى 400 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زېڭ يەندې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە G4 تورى %98 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى، كېيىنكى قەدەمدە G5 تورىمۇ يېزىلارغا كېڭەيتىلىدۇ، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «رەقەملىك جۇڭگو» قۇرۇشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى سىياسەت ۋە ئىسلاھات مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ چاڭباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە، يېزا كوللېكتىپى تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكى پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ناھىيەلەر شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، يەر، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئامىلىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقانلار شەھەر بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن باراۋەر بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 13-يانۋار گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ.