ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: كەلگۈسىدە يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 15:32

شۇ يەر ۋاقتى 13-يانۋار، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكول رۇيئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ھەپتە دۇنيادا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆپكە ياللۇغى بىمارى بەش مىليونغا يېقىنلاشتى، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، كەلگۈسىدە يۇقۇم تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن. مايكول رۇيئەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىمالىي يېرىم شاردا بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ سوغۇق سەۋەبىدىن ئۆي ئىچىگە كىرىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى توپلىشىش كۆپەيدى، يەنە بىر قاتار ئامىللار نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كۈچەيتىۋەتتى.

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 50 دۆلەت ۋە رايوندا ئەنگلىيەدە بايقالغان ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى پەيدا بولدى، 20 دۆلەت ۋە رايوندا جەنۇبىي ئافرىقىدا بايقالغان ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى پەيدا بولدى. ياپونىيە ئالدىنقى ھەپتە يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىرازىلىيەدىن كەلگەن يولۇچىلار ئارىسىدا بىر خىل يېڭى ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى دوكلات قىلغان، بىرازىلىيە تەتقىقاتچىلىرى بولسا بۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر خىل ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى بايقىغان. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: كەلگۈسىدە يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن

شۇ يەر ۋاقتى 13-يانۋار، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكول رۇيئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ھەپتە دۇنيادا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆپكە ياللۇغى بىمارى بەش مىليونغا يېقىنلاشتى،