ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-15 09:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئاياغلاشتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۇرۇسنىڭ تاماملىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش سىياسىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مۇھاكىمە كۇرسى مەزگىلىدە، بارلىق كۇرسانتلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. كۇرۇس تاماملىنىش مۇراسىمىدا، مۇھاكىمە كۇرسىدىكى ئون ۋەكىل سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى دوكلات قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە نىشان تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىش. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 14-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئاياغلاشتى،