ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 09:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگوڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى كىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈزۈپ چىقىپ، تەمىنات كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 2021-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان %90 سىفەن مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتەپلەرنى بىكىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بوش ئىشتات بويىچە قوبۇل قىلىش قاتارلىق چارىلەردىن ئالدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشتاتى ۋە ئىش ئورنى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىشتات بولسىلا تولۇقلىماسلىق»نى قاتتىق چەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتەپلەرنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 2021-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان %90 سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان مەكتەپلەرنى بىكىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

2021 -يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تېخى توختامغا ئىمزا قويمىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارخىپى، نوپۇسى ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل رايونلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولىدىغان مەكتەپلەرنى تولۇق بىكىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان جايلار ئەھۋالغا قاراپ مىنىستىرلىققا قاراشلىق سىفەن داشۆلىرىنىڭ شۇ جايدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئازايتىدۇ.

جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ جاۋخۇي مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان بۇ سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنى كىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي تۈزۈپ، تەمىنات كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆلكىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جايلار ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خىزمەتتىكى تەربىيەلەشنى «دۆلەتنىڭ تەربىيەلەش پىلانى»، «ئۆلكىنىڭ تەربىيەلەش پىلانى»غا كىرگۈزۈشى كېرەك. مائارىپ مىنىستىلىقى يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، جاپالىق ۋە چەت-ياقا رايونلار ياردەم پۇلى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىلارغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى ئورۇن، ياتاق قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىشى لازىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگوڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى