ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىننى مەخسۇس زىيارەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 15:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىسىمىز مۇخبىرى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىننى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تېز تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى سەپتە مۇقىم تۇردى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى، يېڭى كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ پىلاندىكى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئاشتى، ئەنخۇينىڭ يېڭىلىق يارىتىش «موتورى» تېخىمۇ كۈچەيدى.

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش- چوڭ ئۆزگىرىش ئومۇمىيلىقىنىڭ «ھالقىلىق ئۆزگىرىشچان مىقدارى»، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى». لى جىنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، ئەنخۇي يەنىلا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا «بىرىنچى قول شاھمات»نى ياخشى ئوينىشى كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئىزدىنىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خېفېي ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم ـ پەن مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بېكىتىلگەن ساھەلەردە دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، «غەيرىي سىممېتىرىك ئەۋزەللىكى»نى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئىختىساسلىقلارنى قولغا كەلتۈرگەندە، رىقابەتتە يەڭگىلى، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ، لى جىنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسى «يۇقىرى نازۇك» ساھەلەرنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بەرپا قىلىدۇ.

بىز ئىشەنچنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتىئىي يولغا قويۇپ، ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم، مال ـ مۈلۈكنى تەقسىملەش ھوقۇقى، تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا نەتىجىسىدىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى بېرىمىز. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي مىقدارى 9 مىليوندىن ئاشتى.

چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتى، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى مۇجەسسەملىگەن ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، لى جىنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنخۇي «شاڭخەي ـ جياڭسۇ ـ جېجياڭ» بىلەن پائال جىپسىلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ. «بىر گەۋدىلەشكەن»،«يۇقىرى سۈپەتلىك» چاڭجياڭ دېلتىسى ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، خېفېي، شاڭخەي جاڭجياڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم ـ پەن مەركىزىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى مەركەزدە تەڭ يېڭىلىق يارىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، G60 پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورىنى تەڭ قۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش + كەسىپ» يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەملىكەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش نۇقتىسىنى تەڭ بەرپا قىلىش كېرەك.














中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىننى مەخسۇس زىيارەت

ئىستانسىسىمىز مۇخبىرى ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىننى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلدى.