ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار كۆكتات مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

چاغان يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېقىنقى مەزگىلدىكى سوغۇق ھاۋا رايى ۋە قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردە يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە كۆكتات بازارلىرىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. جايلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، كۆكتاتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شۇگۇاڭ جۇغراپىيىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا باغچىغا كىرىپ- چىقىدىغان ئاپتوموبىللار كۆپ ئىدى، كۆكتات سودىسى ئاۋۋالقىدەكلا ئاۋات ئىدى. شۇگۇاڭ جۇغراپىيىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىنىڭ كۆكتات باھا كۆرسەتكۈچ تەھلىلچىسى چېن جىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا كۆپ قىسىم جايلاردا سوغۇق ئېقىم، سوغۇق ھاۋا رايى كۆرۈلدى ۋە قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردە يۇقۇم پەيدا بولدى،بۇ جەنۇبنىڭ كۆكتاتلىرىنى شىمالغا يۆتكەش ئاساس قىلىنغان كۆكتات سودىسى ئەندىزىسىگە روشەن تەسىر كۆرسەتتى، نۆۋەتتە ئەشيا ئوبوروت باغچىسى پۈتۈن مەملىكەتنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

1-ئاينىڭ 16-كۈنى جېڭجۇ شەھىرى بۇ يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك چوشقا گۆشىنى جىددىي بازارغا سېلىشنى باشلىدى، بۇ 24 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، باھاسى بازاردىكى سېتىلىش باھاسىنىڭ %15-%20 دىن تۆۋەن بولىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى شەھەر ئىچىدىكى 70 نەچچە تاللا بازىرى ۋە 20 نەچچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن سېتىۋالالايدۇ.

يېقىندا خېنەن ئۆلكىسى يەنە پۈتۈن ئۆلكىدىكى 108 ناھىيە ( شەھەر، رايون)دا بىر ناھىيەدە بىر ئورۇن بولۇشتىن ئىبارەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىرلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، كەڭ ئىستېمالچىلار پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، رايونلارنىڭ سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىرلا جايدا سېتىۋالالايدىغان بولدى.

جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ بېيلۈن شەھىرى ئوبوروت ھالقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن «بۇلۇت كۆكتات بازىرى» بەرپا قىلدى، ئىستېمالچىلار توردا مال زاكاس قىلدى، دېھقانلار كۆكتاتنى ئۈزۈپ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار كۆكتات مىقدارى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

چاغان يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېقىنقى مەزگىلدىكى سوغۇق ھاۋا رايى ۋە قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردە