ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:55

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %97.8 گە يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پوئېنت ئاشقان، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسى داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن؛ يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە يەنە 1000 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلى يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تۆت قېتىم قەرەللىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەن، پۈتۈن بىر يىلدا 31 جاي ۋە پىلانى ئايرىم تۈزىلىدىغان بەش شەھەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆكتاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى%97.6، مېۋىنىڭ %98، چاينىڭ %98.1، چارۋا ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ 98.8%، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى%95.9 بولغان.

يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جايلارغا ئۇقتۇرۇپ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى يېزا تارماقلىرىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، لاياقەتسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تاڭ رېنجيەن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە 1000 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىگە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش ۋە سۇلياۋ يوپۇق تولۇقلىمىسى بېرىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە يەنە 100 ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيىسىنى بەرپا قىلىپ، 50 مىليون مو تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە 40 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلايمىز؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە 1000 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىگە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېشىل، ئورگانىك، جۇغراپىيەلىك بەلگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدىن يەنە 10 مىڭنى بېكىتىمىز.

ھازىر يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى 2021-يىلى چاغان مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق خەۋپ ئامىللىرىغا قارىتا خېيىم-خەتەرنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلىتىش، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قانۇنسىز قوشۇش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان سويۇش ۋە سۇ، دورا بېرىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈشتە