2020ـ يىلى شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش مىقدارىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولغان شىنجاڭنىڭ 2020ـ يىلى پاكىز ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارى 84 مىليارد 450 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %24 ئىنى ئىگىلىدى.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارقىتىلغان 84 مىليارد 450 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ۋولت، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 43 مىليارد 560 مىليون كىلوۋات سائەت، 14 مىليارد 960 مىليون كىلوۋات سائەت، 25 مىليارد 930 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 35 مىليون 610 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.
شىنجاڭ گەۋدىلىك تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شامال ئېنېرگىيەسى بايلىق زاپىسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىللىق رادىياتسىيە ئومۇمىي مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمىنى 10 يىلدا 35 ھەسسە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشىغا ياردەم بەردى.