ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سېربىيە ئەمەلدارى: غەربنىڭ يامان غەرەزلىك ھۇجۇمى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ياپالمايدۇ

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 10:52

سېربىيە پارلامېنتى سېربىيە-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئوبۇلادوۋىچ ۋە نوۋىساد شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋۇچېۋىچ يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا سەۋەبسىز قارا چاپلىشى شىنجاڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ياپالمايدۇ.

ئوبۇلادوۋىچ بىلەن ۋۇچېۋىچ مۇنداق قارىدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ قىلچە پاكىت ئاساسى يوق، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق.

ۋۇچېۋىچ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، مىللەت ياكى سالاھىيەت ئايرىمايدۇ.

ئوبۇلادوۋىچ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم بوشاشماي چىڭ تۇرىدىغان سىياسىتى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىساد، مائارىپ، داۋالاش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ھەر يىلى شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا گۇۋاھ بولالايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا قارا چاپلىغان كىشىلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئورنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت ۋە داۋالىنىش كاپالىتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق پاكىتلارغا قىزىقمايدۇ. ئۇلارچە بولغاندا، قارا چاپلاش ئەڭ مۇھىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سېربىيە ئەمەلدارى: غەربنىڭ يامان غەرەزلىك ھۇجۇمى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ياپالمايدۇ

سېربىيە پارلامېنتى سېربىيە-جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئوبۇلادوۋىچ ۋە نوۋىساد شەھىرىنىڭ