ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلاردىكى سانائەت كارخانىلىرى بىرىنچى پەسىلدە ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-19 18:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

2-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، جايلاردىكى سانائەت كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، 1-پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى باشلىنىشقا قاراپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، نۇرغۇن جايلاردا تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرى باشلاندى.

ئەنخۇيدىكى 272 چوڭ تۈردە تۈنۈگۈن مەركەزلىك ئىش باشلاندى، بۇنىڭغا 133 مىليارد 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 45 مىليارد 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق 11 كەسىپ ساھەسىگە چېتىلىدۇ، ئەنخۇينىڭ 16 شەھىرىنى قاپلايدۇ.

جياڭسۇنىڭ سۇچيەندىكى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا كارخانا ئۆز ئالدىغا ئاچقان سوغۇق پىروكاتلاپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك يۈرۈشتۈرمەكتە.

شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى لى چاڭچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، كارخانىمىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، 60 مىليون يۈەن ساپ پايدا ئېلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، يەنە بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتى، نۆۋەتتە شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 21 تەرەققىيات رايونىدىكى جەمئىي 12 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشى ئەسلىگە كەلگەنلەر 180 مىڭدىن ئېشىپ، ئومۇمىي ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %88.2 كە يەتتى.

جايلاردىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىش جىددىي ئەسلىگە كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن جايلاردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنلىرى قىزىپ كەتتى.

نىڭبو شەھىرى تۈنۈگۈن يېڭى يىللىق تۇنجى مەيدان چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىدۇ، تور ئىچى ۋە سىرتى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 10 مىڭ ئورۇن قېتىم، 100 مىڭ ئىختىساسلىق خادىم قاتنىشىدىكەن.

مۇخبىر نەق مەيداندا كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلار ۋە ئادەتتىكى ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆردى.

فۇجۇ شەھىرى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە «2021ـ يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى فۇجۇ شەھىرى يەنە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق كارخانىلارنى «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش»قا تەشكىللەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلاردىكى سانائەت كارخانىلىرى بىرىنچى پەسىلدە ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى

2-ئاينىڭ 18-كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى، جايلاردىكى سانائەت كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى،