ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەنتۇ كەنتى كۆكتات تېرىپ بېيىش يولىدا ماڭدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى. ئالاھىدە پىلانلانغان «يېڭى تۇرمۇش، يېڭى باشلىنىش» ماۋۇزلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى خىزمەت تەكشۈرگەن جايلار زىيارەت قىلىنىپ، جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى كۈرەش ھېكايىلىرى ۋە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلىرى بايان قىلىندى. بىز بۈگۈن سىزنى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش ئۈچۈن توپلانغان جاي جياڭشىنىڭ يۈدۇغا باشلاپ بارىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 20-ماي جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن بازىرى تەنتۇ كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى ياخشى قۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى ئامما كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا تېز قەدەمدە يۈرۈش قىلدى.

جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈدۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان زىشەن مول سېلىنلىق كۆكتات كەسپى باغچىسىدا، كەنت ئاھالىسى جاڭ جۇڭخۇا پارنىكتا يېڭى ياڭجياۋمى قوغۇنى ۋە بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2020-يىلى، جاڭ جۇڭخۇا ئون مو پارنىكنى تېرىپ، ناھايىتى ياخشى پايدا ئالدى، بۇ يىل يەنە ئون نەچچە مو يەرنى كۆپەيتتى، ئۇ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاچچىق كاۋا، لازا، ئاغىچە قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىش، كېيىنكى يېرىم يىلدا ياڭجياۋمى قوغۇنى، بۆلجۈرگەن تېرىشنى پىلانلىدى.

جاڭ جۇڭخۇانىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل گۇاڭجۇدا ئىشلەمچىلىك قىلغان، گەرچە ناھايىتى تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايلىق مائاشى جان بېقىشقا ئاران يېتەتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، ئۇ 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ ئۈچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى.

يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكى كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي زىشەن مول سېلىنلىق كۆكتات كەسپى باغچىسى قۇرۇپ، «باشلامچى كارخانا قوشۇلغان كوپىراتىپ قوشۇلغان دېھقان ئائىلىسى ۋە نامرات ئائىلە» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھازىر زىشەن بازىرىدىكى مول سېلىنلىق كۆكتاتلارنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشتى، شۇ جايدىكى مول سېلىنلىق كۆكتات ماركىسىنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقىپ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، خۇبېي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپلا قالماي، ھەتتا يەنە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ ياۋروپاغا سېتىلدى. يۇرتداشلار ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالايدىغان ھەم ئۆز يېرىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، يەنە يەر ئوبوروتى ئارقىلىق كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، يۈدۇ ناھىيەسىدىكى 144 نامرات كەنت ۋە 164 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يۈدۇ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋۇخۇا بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىمىز-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەنتۇ كەنتى كۆكتات تېرىپ بېيىش يولىدا ماڭدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ،