ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ】شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 09:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

14-فېۋرال، ئالتاي-شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق بېسىمنى ئۆزگەرتىپ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىغىچە ئۇزارتىلىپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ شىنجاڭ بويىچە تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئالتاي-شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق بېسىمنى ئۆزگەرتىپ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. لىنىيە قۇرۇلۇشىدا تارباغاتاي 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى بىلەن قاناس 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ھەم ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 341 كىلومېتىر، جەمئىي 725 تۆمۈر مۇنار بار. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالتاي ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئىككى مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.

ئالتاي-شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق بېسىمنى ئۆزگەرتىپ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭغا 136 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە قۇمۇلغىچە، غەربتە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە، جەنۇبتا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىگىچە، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىگىچە تۇتىشىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق تايانچ تور رامكىسى قۇرۇپ، شەرقتىن غەربكە 2000 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 3300 كىلومېتىر كېسىپ ئۆتىدىغان، قاپلىنىش دائىرىسى بىر مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان «ئىچكى جەھەتتە تەمىنلىنىدىغان تۆت ئايلانما تور» دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، زېمىنى كەڭ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يىراق مۇساپىلىك، چوڭ سىغىملىق، تۆۋەن سەرپىياتلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورماتور پونكىتىدىن 23ى قۇرۇلدى، تىرانسفورماتور سىغىمچانلىقى 57 مىليون 500 مىڭ كىلوۋولت ئامپىرغا يەتتى؛ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدىن 56 سى ئېچىلىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7764.73 كىلومېتىرغا يەتتى، كۈچلۈك، ئىشەنچلىك ئېلېكتىر تورى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ توكىنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

【بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ】شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

14-فېۋرال، ئالتاي-شىمالىي جۇڭغار 750 كىلوۋولتلۇق بېسىمنى ئۆزگەرتىپ توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.