ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنياغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈش ـ «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن خاتىرە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى 22-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ 2019-يىلى 27-فېۋرال «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى» مەخسۇس تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2-مەيدان مەخسۇس تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى.

بۇ تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ يارقىن نۇقتىسى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. ئۆلچىمى يۇقىرى، قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ. 80 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 200 گە يېقىن چەتئەل پارتىيەسى ياكى تەشكىلاتىدىن كەلگەن 310 دىن ئارتۇق پارتىيە سىياسىي ئەربابى ۋە مەشھۇر ئەربابى يىغىنغا ۋىدېيو ئارقىلىق قاتناشتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەتتە چەتئەللىك مېھمانمۇ بار.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئىجابىي ئۈنۈمى كىشىلەرگە ئايان، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار بەس-بەستە ماختىدى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى.

تۈركىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پېرىنچەك ئىلگىرى شىنجاڭدا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قېتىم زىيارەتكە بارغىنىمدا يىپيېڭى شىنجاڭنى كۆرىمەن، مەن شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

جەنۇبىي ئافرىقا كومپارتىيەسىنىڭ 1-مۇئاۋىن باش شۇجىسى ماپالا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن ئارتۇق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئىراق كوردىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كاۋا مۇھەممەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەمەل قىلدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە شەكىللەنگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەندىزىسى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شىنجاڭنىڭ تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

«تۇرمۇشنىڭ قانداقلىقىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش كېرەك». تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا نۇرغۇن نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق ھېكايىلەر، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما باش پېرسوناژ قىلىنغان سۈرەت ۋە قىسقا ۋىدېيولار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز نەتىجىلىرى، ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلار، ھەقىقىي ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنياغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈش ـ «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن خاتىرە

«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى 22-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.