ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 17:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلى ئىجادىيەتكە، ئۆزگىچىلىككە ئىگە نۇرغۇن مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

بۇ ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بولۇپ، سەككىز يىل ئۇدا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 832 نامرات ناھىيە ۋە 128 مىڭ نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى. نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 2015-يىلىدىكى 2982 يۈەندىن 2020-يىلى 10 مىڭ 740 يۈەنگە، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %29.2كە يەتتى، ئۆز ئالدىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستى.

بۇ جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەڭگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى نازارەتچىلىك قىلدى. سەككىز يىلدا، باش شۇجىنىڭ ئىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايوندا قالدى. 2012-يىلى 29-دېكابىر، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان شى جىنپىڭ قار-شىۋىرغانغا قارىماي تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خېبېينىڭ فۇپىڭغا بېرىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارنى يوقلىدى. ئارقىدىن 2013-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى يەنە گەنسۇغا بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى يىلدا تۇنجى بولۇپ نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى كۆرۈش باش شۇجىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.

2013-يىلى 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى ئوبلاستى شىبادۇڭ كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن مەقسەت نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش.

2015-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»دېگەن سۆز «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»قا ئۆزگەرتىلىپ، 2020-يىلى ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئارقىدىن ئېچىلغان مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر قاتلاممۇ قاتلام نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش ۋەدىسى بەردى، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتتى.

ئېغىر نامراتلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇستەھكەم قورغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك خىزمەت قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى 340 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش كېرەك.

2020-يىلى يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ كەسكىن جەڭگە كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. ھالقىلىق پەيتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ئۇنى چوقۇم ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ھېچقانداق چېكىنىش يولى يوق. بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 52 مەخسۇس نازارەت قىلىنىدىغان نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى.

يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى روھى بويىچە ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇلدى. سەككىز يىلدا، مەركەز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم چوڭ يىغىن، يەتتە قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق بىرىنچى شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى نامرات كەنتلەرگە چۆكۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە نامراتلارنى يۆلەشتە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدى، نامرات رايونلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.

نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. «14-بەش يىل»غا يۈزلەنگەندە، جۇڭگو قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ،