ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 10:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە نامراتلارنى يۆلەش ئىستراتېگىيەلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ جەڭ مەيدانىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.

شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، شەرقىي رايوندىكى توققۇز ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 14 شەھەر ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ياردەم بېرىپ، مىللىي ئاپتونوم ئوبلاست ۋە غەربىي رايوندىكى نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر بولغان شەھەر، ئوبلاستلارنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مەركەز كارخانىلىرى قاتارلىق مەركەز ئورۇنلىرى نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەشتە، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى تولۇق قاپلىدى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەزدىكى 307 ئورۇن نىشانلىق يۆلىگەن 592 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئۆز قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىدى.

خەلق ئارمىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا 4100 نامرات كەنتكە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، 924 مىڭ نامرات يۇرتداشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈردى.

«ئون مىڭ كارخانا ئون مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش»تىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان پۇقراۋى كارخانا 127 مىڭغا يېتىپ، 73 مىڭ 200 نامرات كەنتكە ياردەم بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى جۇڭگو يولىنى ئاچتى.

مەملىكەت بويىچە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات رايونلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېزا تاشيولى بىر مىليون 100 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى؛ 28 مىليون 890 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىندى؛ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك تەمىناتىدىكى ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتى %99 كە يەتتى، چوڭ ئېلېكتىر تورى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارغىچە ئۇزارتىلدى، نامرات كەنتلەرگە نۇر كابېل ۋە 4G نى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %98 تىن ئاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشتە ھەر تەرەپلىمە ئۈلگە كۆرسىتىشتە نامرات ناھىيەلەر ئومۇميۈزلۈك قاپلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ،