ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالاقىدار يولداشلار خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-02 11:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما دوكلات بېرىدۇ. يېقىندا ئالاقىدار يولداشلار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14ـ بەش يىل» نىڭ باشلىنىش يىلى. «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇل ساھەدىكى خىزمەتلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايلار، تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

ئالاقىدار يولداشلار ئۆتكەن بىر يىللىق ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، كەسكىن، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن خىزمەت دوكلاتى يازدى. خىزمەت دوكلاتىدا تەجرىبە ـ تەسىراتلار يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر تەھلىل قىلىنىپ، ئومۇمىيەت چۆرىدىلىپ كېيىنكى قەدەمدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار.

بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش» نى باشتىن ـ ئاخىر ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق.

ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش داۋامىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۇق.

ئۈچىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا، ئۆزلىرىمىز مەسئۇل ساھەدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى ـ تاشقى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىز مەسئۇل ساھەدە مەسئۇلىيىتىمىزنى پائال ئادا قىلدۇق.

تۆتىنچى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، چوڭ ـ چوڭ مەسىلىلەر، چوڭ ـ چوڭ ئىشلار، مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭدىن يوليورۇق سوراپ ۋە دوكلات بېرىپ، مەسئۇل ساھە، مەسئۇل خىزمەتلەردە دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويدۇق.

بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئۆزىمىزگە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىمىزغا ۋە ئەتراپىمىزدىكى خىزمەتچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك ـ دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى ساقلىدۇق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالاقىدار يولداشلار خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇسىنىڭ