ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەنت ئاھالىلىرى پويىزدىكى بازاردا سودا قىلىدىغان بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-06 16:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىنىۋاتقان پەيتتە، باش ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى جايلاردىكى مەھەللە، يېزا-كەنت، كارخانا، مەكتەپلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىپ، مىليونلىغان ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تولۇق ھېس قىلدى.

«كۈرەشچان 100 يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش-بىر نىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» ماۋۇزلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «ئاستا پويىزغا ئولتۇرۇپ بازارغا بېرىش» دېگەن قىسمى.

يەنە پويىزغا چىقىپ بازارغا بارىدىغان كۈن بولدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى فېڭچېڭ شەھىرى شىچېڭ بازىرى شىۋېي كەنتىدە تۇرىدىغان ليۇ ئېندې، جى فېڭرۇڭ ئەر-خوتۇن ئەتىگەندىلا دۇفۇ ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، ئايالىنىڭ قايتا-قايتا تاپىلىشى بىلەن، ليۇ ئېندې يېڭىدىن تەييارلىغان دۇفۇ، يەرلىك تۇخۇم، يەنە تاغدىن ئۈزگەن موگۇ، يەر زەمبۇرۇغى قاچىلانغان چوڭ-كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇل ۋوگزالغا قاراپ ماڭدى.

شىۋېي كەنتى بىلەن شىچېڭ بازىرىدىكى نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر ئوخشاشلا تاغ ئىچىگە جايلاشقان. يەر تېرىغاندىن باشقا، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە تاغ مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. چەت جايغا جايلاشقان بولغاچقا، پويىز شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ قالدى.

جۇڭگو تۆمۈريولى شېنياڭ ئىدارىسىگە قاراشلىق «جامائەتچىل ئاستا پويىزى» توڭخۇا-گۈەنشۈي لىنىيەسىدىكى بىردىنبىر يولۇچىلار پويىزى، «پويىز بازىرى» تەسىس قىلىنغاچقا، پويىزدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار سودىسى قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئەلنەپ پويىزى» ۋە «بېيىش پويىزى» غا ئايلاندى.

پويىز بازىرىدىكى بەلگىلەنگەن ۋاگوندا، تۆمۈريول تارماقلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ئالاھىدە ياساپ بەرگەن قاتلىنىدىغان قىزىل رەڭلىك يايمىلار ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئۈستىگە قويۇلغان موگۇ، دولانا قېقى، قارا ئاشلىق، ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەسەل، يەنە يەرلىك توخۇ، يەرلىك ئۆردەك قاتارلىق «ئېسىل يەرلىك مەھسۇلاتلار» كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. پويىز قوزغىلىشىغىلا، يولۇچىلار ليۇ ئېندېنىڭ يايمىسىنى ئورىۋالدى.

كىچىككىنە ۋاگون ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، يولۇچىلار بىلەن كەنت ئاھالىلىرى سودا-سېتىق قىلىشقا باشلىدى، بەزىلىرى يەنە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ، تاغ مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن زاكاز قىلدى. نۇرغۇن يولۇچىلار بۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئىدى.

پويىز باشلىقى لى شياڭجۈن كىشىلەر توپى ئارىسىدا مېڭىپ يۈرۈپ، نەق مەيدان تەرتىپىنى ساقلىدى، تازىلىق قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى شېنياڭ ئىدارىسى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى 12.5 جۈپ جامائەتچىل ئاستا پويىزدا پويىز بازىرى، پويىز خىزمەتچىلىرى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، جامائەتچىل دىياگنوز قويۇپ داۋالاش قاتارلىق 15 تۈرلۈك ئەلنەپ مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جامائەتچىللىك ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو تۆمۈريولى شېنياڭ ئىدارىسى جىلىن يولۇچىلار ئوچاستىكىسىنىڭ تەشۋىقات ياردەمچىسى ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ پويىزغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۈك-تاق ۋاگونىمۇ ھەقسىز چېتىلدى، بىز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، بۇ ئاستا پويىزلارنىڭ تاغدىكى يۇرتداشلارنىڭ تېزراق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ليۇ ئېندې بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يايمىلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇقدىلىپ، ھەميانلىرىمۇ تومپايدى. ھېسابلاپ بېقىۋىدى، ئەڭ يۇقىرى كىرىم مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ، ئەڭ ئاز كىرىم 300 يۈەندىن ئېشىپتۇ. ليۇ ئېندې مۇنداق دېدى: ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ھازىر پويىزدىكى سىياسەت ۋە مۇلازىمەت شۇنچە ياخشى، بېلەت باھاسى يەنىلا ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاش 10 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ھازىر بۇ پويىزدا بازار ئېچىلدى، بىز پويىزدا نەرسە-كېرەك سېتىپ، نەپكە ئېرىشتۇق ھەم بەك خۇشال بولدۇق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەنت ئاھالىلىرى پويىزدىكى بازاردا سودا قىلىدىغان بولدى

ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى.