ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىغا جۇرۇڭ دەپ نام بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-26 09:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

24-ئاپرېل ئالتىنچى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىغا «جۇرۇڭ» دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ گۈزەل كەلگۈسىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش، قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە يۇغۇرۇلۇش دېگەن مەنىدە. چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇشى ھەمدە ئاي تۇپرىقىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىشتىن ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تيەنۋېن 1-نومۇرنىڭ پات ئارىدا مارسقا قونۇشىغىچە، يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارى گۇرۇپپا تورىنى تاماملىشىدىن بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەنگە قەدەر، ئېلىمىز قەدەممۇ قەدەم ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىنىڭ ئىسمىغا يەر شارى بويىچە ئىسىم يىغىش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، توردا بېلەت تاشلاش قاتارلىق قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا «جۇرۇڭ» دېگەن ئىسىم بارلىققا كەلدى، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يەنخۇا 2021-يىلىدىكى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى نەق مەيدانىدا جۇڭگونىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىنىڭ ئىسمى جۇرۇڭ ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

«تيەنۋېن1-نومۇر»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ پىلانېتلار ئارا تەكشۈرۈشنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ، بىر قېتىملىق قويۇپ بېرىشتە مارسنى ئايلىنىپ چىقىدۇ، قونىدۇ، كۆزىتىدۇ. «تيەنۋېن 1-نومۇر 23-ئىيۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىردى، بۇ يىل 10-فېۋرال مارسنى تېپېپ، مارسنىڭ ھالقىسىمان ئوربىتىسىغا كىردى، ھازىر ئۇچۇش مۇساپىسى 400 مىليون كىلومېتىردىن ئاشتى، خىزمىتى نورمال.

ۋۇ يەنخۇا مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا تيەنۋېن 1-نومۇرنىڭ قونۇش ئۈسكۈنىسى جۇرۇڭ ناملىق مارس ماشىنىسى بىلەن مارسقا قونۇپ، مارس يۈزىگە قونۇشنى كۆزىتىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.
1970-يىلى 24-ئاپرېل ئېلىمىزنىڭ «شەرق قىزاردى 1-نومۇرلۇق» تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزنىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سانى 300دىن ئاشىدۇ. جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى، يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارى گۇرۇپپا تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. چاڭئې 5-نومۇر ئاي يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كەلدى، چاڭئې 4-نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاي شارىدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئالەم ئۇچقۇسى بولۇپ قالدى. دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ كېجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 4-باسقۇچلۇق پىلانېتلارنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى دەلىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى ۋە يەرگە يېقىن كىچىك پىلانېتلاردىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ.

پىلان بويىچە بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئېلىمىز 11 قېتىم يۇقىرى زىچلىقتىكى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئوربىتىدا ياساش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرىدۇ. جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن ئۇزۇن سەپەر 5-ناملىق B يىراقتىن سېزىش توشۇغۇچى راكېتانىڭ بىرىكمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش مۇنارىدا قەد كۆتۈرۈپ، پات ئارىدا پۈتۈن دۇنياغا داڭق چىقىرىدۇ. ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى بېنچى مۇنداق دېدى: ھازىر راكېتانىڭ يادرولۇق بۆلمىسىنى قويۇپ بېرىش مەيدانى تەييار بولدى، قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ ۋە ماددىي سايمانلارمۇ تەييار بولدى.

ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك ئادەمسىز ئۇچۇشتىن ئادەملىك ئۇچۇش، ئالەم بوشلۇقىدا بۆلۈمچىدىن چىقىشتىن ئۇچراشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشقىچە، قىسقا مۇددەتلىك سىناقتىن ئوتتۇرا مەزگىللىك تۇرۇشقىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بەسلىشەلەيدىغان كۈچىنى قەدەممۇ قەدەم بارلىققا كەلتۈردى. بىپايان ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5-تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىلمىنىڭ باش ئالىمى يې پېيجيەن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە يەلكەننى ئېچىپ، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئالەم قاتنىشى چوقۇم سىلەرگە چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ، سىلەر چوقۇم ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايسىلەر.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىغا جۇرۇڭ دەپ نام بېرىلدى

24-ئاپرېل ئالتىنچى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس ماشىنىسىغا «جۇرۇڭ» دەپ نام بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى،