ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 09:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنى ھۆرمەتلەش، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا ۋەكىللەر ئاكتىپ سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، تەكلىپ بەردى. لى جەنشۇ ئەستايىدىل ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تارىخى پارتىيەمىز تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۆز بايرىقىغا يېزىپ، يېڭىچە خەلق دېموكراتىك ھاكىمىيىتى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى بوشاشماي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن پىكىر يۈرگۈزدى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ۋە ئۈنۈمى نامايان قىلىندى. لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى شەكىللەندى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سۇبيېكتى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جايلاردا ۋەكىللەر ئائىلىسى، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش پونكىتى، ۋەكىللەر پائالىيەت گۇرۇپپىسى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇپ، بارغانسېرى زور رول ئوينىدى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلققە ۋەكىللىك قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىنكاس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى