ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-27 09:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا: ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن 26-ئاپرېل 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارلىرىدىن ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مالىيە بىۋاسىتە مەبلىغى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى يەنىمۇ يوقىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى ئىكەنلىكىدە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 4-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنىدا: ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى