ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۇاڭشى «ئالتۇنغا بەرگۈسىز» ئورمان بايلىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 16:20

باش شۇجى شى جىنپىڭ 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گۈيلىن شەھىرى ياڭشو ناھىيەسىنىڭ لىجياڭ دەرياسىدىكى ياڭدى پىرىستانىدا لىجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھەرگىز بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىدى. تۆت يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، گۇاڭشىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دەريا-ئېقىنلار بىلەن تولغان، دېڭىزغا يۈزلەنگەن، قويۇق تاغلار بىلەن قاپلانغان گۇاڭشى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى قوغدىدى.

ليۇجۇ غەربىي جەنۇبتىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە سۇ سۈپىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. «تۆت ئەتراپ ئورالغان ھەيۋەت تاغ بىلەن، شەھەر بەك گۈزەلدۇر سۈزۈك سۇ بىلەن.» باھاردىكى ليۇجياڭ دەرياسى بويىنى ياپيېشىل دەرەخلەر قاپلىغان بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى جياڭبىن باغچىسى، ياۋبۇ قەدىمىي بازىرى، جياڭئەن شارقىراتمىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ناھايىتى كۆركەم» يۈز چاقىرىملىق مەنزىرە كارىدورىنى ھاسىل قىلغان.

يەرلىكتىكى كىشىلەر ليۇجۇنىڭ «كىسلاتالىق يامغۇر شەھىرى» دەپ ئاتالغان چاغلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى، ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: ئىلگىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كىيىمىمىزدە پاكىز جاي تاپماق ناھايىتى تەس ئىدى، ۋېلىسىپىتنى سىرتقا قويۇپ قويساق ئاسانلا داتلىشىپ كېتەتتى. ئاغرىق ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ليۇجۇ قاتتىق تۈزەش، سانائەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، چوڭ سانائەت بىلەن گۈزەل مۇھىتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

لىجياڭ دەرياسى، ليۇجياڭ دەرياسى، يۇڭجياڭ دەرياسى ئوخشاشلا شىجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا تەۋە. گۇاڭشىدىكى شىجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى يۈننەن، گۈيجۇ بىلەن تۇتىشىدۇ، گۇاڭشىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقتە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇ-جۇجياڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، گۇاڭشىدىكى ۋادا كۆلىمى 202 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ، قىرغاق بويىدا گۇاڭشىدىكى %80 چە شەھەر، ناھىيە، %90 چە نوپۇس بار. گۇاڭشى سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ۋادىدىكى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش بىرلەشمە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دەريانىڭ داۋاملىق سۈزۈك ئېقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاشتىكى كەسمە يۈز سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپەت تەرتىپىدە، شىجياڭ دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئون شەھەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 30 نىڭ ئىچىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە شەھەر ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىردى.

گۇاڭشى قولتۇقتىكى پاكىز دېڭىزنى داۋاملىق قوغداش ئۈچۈن، دېڭىزغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تۈزەشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ دېڭىزغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى ئەتتى، يەنە دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتتى. 2012-يىلىدىن بۇيان، گۇاڭشىنىڭ قىرغاققا يېقىن دېڭىز ساھىلىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ سۈپىتى داۋاملىق ياخشى بولدى.

گۇاڭشىدا «تاغلار ئېگىز، تاش تولا، جىلغىلار چوڭقۇر، تۇپراق كەمچىل، سۈيى ئاز، ياشىماق مۈشكۈل» دېگەن گەپ بار ئىدى. 60 نەچچە يىل ئىلگىرى گۇاڭشىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاران %23 ئىدى. داۋاملىق يېشىللىقنى قەدىرلەش، يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، گۇاڭشىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرماقتا؛ سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 130 مىليون مودىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭشى زېمىنىدا، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، «ئىككى تاغ» نەزەرىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان يېشىل تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۇاڭشى «ئالتۇنغا بەرگۈسىز» ئورمان بايلىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گۈيلىن شەھىرى ياڭشو ناھىيەسىنىڭ لىجياڭ دەرياسىدىكى ياڭدى پىرىستانىدا لىجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھەرگىز بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىدى.