ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-28 16:59

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

27-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى. يىغىندا ناھىيەلەرنىڭ سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوبوروتنىڭ راۋانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمى، يېزا ئىستېمالىنىڭ قوش ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بېكىتىلدى؛ «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ناھىيەلەرنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش--ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، يوشۇرۇن كۈچى زور.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيانىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىدە يېڭى، مۇرەككەپ، كەسكىن ئەھۋاللار كۆرۈلدى، «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ زىچ سەپەرگە چىقىش ئەھۋالىغا قارىتا، يىغىندا گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىن تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلگىرىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئۆرنەك قىلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېقىمغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، يۇقىرى پەللىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مەنزىرىگاھ قاتارلىق سورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

27-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى.