ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-29 10:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى فېي يىغىندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات، دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى ھەققىدە دوكلات، مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرى ھەققىدە دوكلات، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق توققۇز قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات، مەركەز خامچوتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات، گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلاشنى ۋاقتىنچە تەڭشەش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارگىنالى، قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يېسۈي يىغىندا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنىڭ تولۇقلىما كېلىشىمنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى ئەدلىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»، «كىۋادرات كىلومېتىرلىق يۈرۈشلۈك ئاسترونومىيە سۇپىسى قۇرۇش ئەھدىناسمىسى»غا قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەمدە شەرتنامىلەرنى تەستىقلاش قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان ئارگىنالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىندا ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلات ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارگىنالى، قارار لايىھەسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 92-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.