ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-29 10:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن ۋىدېيو شەكلىدە كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگونىڭ بەيدۇ، جەنۇب ئېلېكتىر تورى، سەنشيا گۇرۇھى ۋە گېرمانىيەنىڭ سىمېنس، كلائاس، باۋما قاتارلىق كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى يەنىلا تەتۈر ئاشتى، بۇ يىل 1-پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.5 ئېشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ھازىر جۇڭگودىكى 7000 دىن ئارتۇق گېرمانىيە كارخانىسى ۋە گېرمانىيەدىكى 2000 دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى «جەڭگىۋار قوشۇن» غا ئايلاندى.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا خادىملار ئالاقىسىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاكسىنا ۋە خەلقئارا ساغلاملىق كودىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ، ئىچكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشىنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىنتايىن زىچ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىش، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلاپ، ۋاكسىنىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، بولۇپمۇ ئىقتىساد ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ نورمال بېرىش-كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن ۋىدېيو شەكلىدە كۆرۈشتى.