ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-29 10:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇپ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 28-ئاپرېل ئېلان قىلغان «2021-يىللىق ئاسىيا تەرەققىياتىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يامراۋاتقان بولسىمۇ، 2021-يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.3كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %8.1كە يېتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى باشلامچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇمنى يېڭىپ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر 2021- ۋە 2022-يىلى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىدۇ، رايون ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %7.3 ۋە %5.3كە يېتىشى، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش سەۋىيەسىدە بۆلۈنۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باشقا رايونلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىكەن، بۇ يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %7.4 ۋە % 9.5كە يېتىدىكەن؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %4.4 ۋە %5.1كە يېتىدىكەن؛ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئېشىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكىدىن سەل ئاستا بولۇشى، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %3.4 ۋە %4كە يېتىشى مۇمكىن؛ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىقتىساد ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %1.4 ۋە %3.8 بولۇشى مۇمكىن.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ياسۇيۇكى ساۋادا مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس بولۇپ، بۇ قىسمەن دۆلەتلەردە يېقىندا بىمارلار تېز كۆپىيىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش تەدبىرلىرىنى قايتىدىن چىڭىتىش، ۋاكسىنا ئەملەش ئاستا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا خىرىسلار يەنە جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيلىك، سىياسىي داۋالغۇش، تەمىنات زەنجىرىدىكى قىسىلچىلىق ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتى تارىيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىدۇ، 2021-يىلى ئېشىش نىسبىتىنىڭ %8.1 كە يېتىپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى مۆلچەر قىممىتىدىن 0.4 پوئېنت ئېشىشىدىن، 2022-يىللىق ئېشىش نىسبىتىنىڭ %5.5كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار. ئائىلە ئىستېمالى ۋە ئېكسپورت سودىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق تەرەپ.

ئېھتىياج جەھەتتىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ياخشىلىنىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىش، ئائىلە ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پايدىلىق ئامىل شەكىللەندى. تەمىنات جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ۋاكسىنا ئەملەشنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپى تېخىمۇ زور ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلايدۇ، مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ساياھەت قاتارلىق يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر چوڭ ئۇچرىغان كەسىپلەر تەدرىجىي ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش رىتىمىغا يېتىشىدۇ.

نۇرغۇن دۆلەتلەر يەنىلا يۇقۇم پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغاچقا، جۇڭگونىڭ تاۋار ئېكسپورت كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، خەلقئارا بازارنىڭ ئائىلە ئىستېمال بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كۈچلۈك ئېكسپورت ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو ياسىمىچىلىقىمۇ مۇقىم ئاشىدۇ. يۇقىرى تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش كەسپى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ قوللىشىغا ئېرىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: خەلقئارا كاپىتالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو يەنىلا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بازارلارنىڭ بىرى، چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى داۋاملىق كۆپىيىپ، ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە يۈزلىنىدۇ.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەد سەيىد شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى «مول، كۈچلۈك ۋە كۆپ مەنبەلىك» ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇپ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: يېشىل ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات- رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى ئاساسلىق يول بولىدۇ، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مالىيە، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن تۇتۇش قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە ھۆكۈمەت ۋە ئەلئارىسى كاپىتالىنى ئىشقا سېلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاممىۋى سەھىيە، مائارىپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ياسۇيۇكى ساۋادا مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇم ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بەزى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىش ۋە ئادىل ھەققانىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسالغۇ بولدى، يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، رايون تەرەققىياتىغا سىجىل قۇۋۋەت قوشۇپ، مۇھىت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پايدا يەتكۈزگىلى بولدۇ.
سەيىد مۇنداق دېدى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى كەلگۈسىدە مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە ئاستىلىتىش، قېرىلىشىش جەمئىيىتى ۋە سەھىيە بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قارالمىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىدۇ. بۇ قارالمىلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشنى كۈتمەكتە.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى بولۇپ، 1966-يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا. جۇڭگو 1986-يىلى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا كىرگەن، ھازىر بۇ بانكىنىڭ ئاساسلىق پايچىكلىرىنىڭ بىرى. «ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر» ناملىق دوكلات ئاسىيا بانكىسىنىڭ يىللىق ئىقتىسادى دوكلاتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشىدۇ

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇمدىن قۇتۇلۇپ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.